كولومبىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

كولومبىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1628991
كولومبىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كولومبىيەنىڭ ئانتىئوكۇا ئاندېس بازىرىنىڭ لا پىئېدرا يېزىسىدا كىملىكى ئېنىقلىنالمىغان كىشىلەرنىڭ بىر دېھقانچىلىق رايونىغا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا بەش كىشى قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، كولومبىيە ساقچىلىرىنىڭ ۋەقە ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر