بىرمادىكى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 753 كە يەتتى
بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ۋە سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارغا قوراللىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلار سانى 753 كە يەتتى.
1628913
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى باشلانغان نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 753 كە يەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن باشقا 3441 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، 1179 نامايىشچى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.