ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە بىرلىكتە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرى خىتاينىڭ تەھدىت سېلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلىرىگە قارشى فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.

1628304
ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە بىرلىكتە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى كىشى نوبۇئو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 11-17-ماي كۈنلىرى ئارىسىدا دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كيۇشۇدا فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن ئورتاق مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «فىرانسىيە ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى- تىنچ ئوكيان نىشانىغا ئورتاقلىشىدۇ. يىراقتىكى ئاراللارنىڭ قوغدىلىشى دائىرىسىدە، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ تاكتىكا ۋە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىمىز» دېدى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ھىندى ئوكيان بىلەن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا زېمىن پارچىلىرى بولغان فىرانسىيەنىڭ، ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر