ئافغانىستاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باشلىقى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ ھېرات ۋىلايىتىدە گۇلران ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1628438
ئافغانىستاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باشلىقى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا گۇلران ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باشلىقى بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھېرات ۋالىيسى سەييىد ۋاھىد قاتالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيەدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى مەسئۇللىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا گۇلران ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، سابىق ھاكىم ۋە يەنە بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت مىقياسىدا يېقىندىن بۇيان كۆپىيىپ كېتىشكە باشلىغان سۇيىقەست تەشەببۇسلىرىدا، ژۇرنالىستلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، دىنىي ئالىملار، دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى  كۈچلىرى نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، «بۇ ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارى تالىبان» دەپ قارىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر