« Vسپۇتنىك» ۋاكسىناسىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى

رۇسىيە بىۋاستە سېلىنما فوندى بىلەن تۈركىيەنىڭ بىر دورا شىركىتى « Vسپۇتنىك» ۋاكسىناسىنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

1628547
« Vسپۇتنىك» ۋاكسىناسىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىۋاستە سېلىنما فوندى « Vسپۇتنىك» ۋاكسىناسىنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، « Vسپۇتنىك» ۋاكسىناسىنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بىر دورا شىركىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيە دورا شىركىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا تۈركىيەدىكى نۇرغۇن دورا زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاشنى پىلان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«Vسپۇتنىك» ۋاكسىناسى رۇسىيە گامالېيا دۆلەتلىك تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ۋە مىكروبىيولوگىيە ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان ئىدى.

بۇ يىل (2021) نىڭ باشلىرىدا «The Lancet» ژۇرنىلى مەزكۇر ۋاكسىنانىڭ ئۈنۈمىنىڭ %91.6 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر