بىرمادا جېنىدىن ئايرىلغان نامايىشچىلار سانى 751 گە چىقتى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلاردا، ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 751 گە چىقتى.

1628354
بىرمادا جېنىدىن ئايرىلغان نامايىشچىلار سانى 751 گە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم جەمئىيىتى ئېلان قىلغان كۈندىلىك دوكلاتتا، بىرمادا يېقىنقى 24 سائەتتە ئالتە نامايىشچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ توغرىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغان نامايىشچىلار سانىنىڭ 751 گە چىققانلىقى، 3 مىڭ 431 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 1 مىڭ 159 كىشى ئۈستىدە تۇتۇش قارارىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلارنى قوللىغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست تۇتۇ تانىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرما «Now» خەۋەرلەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇتۇ تانىڭ ئائىلىسى، 24-ئاپرېل يېرىم كېچىدە 18 ياشلىق ئوغلى بىلەن بىرلىكتە يانگوننىڭ تانليىن ناھىيەسىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ھازىر ئۇلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر