ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرگەن ۋە جەسىتىنى 3 يىلدىن كېيىن تاپشۇرغان پەلەستىنلىك ئۆسمۈر دەپنە قىلىندى

ئىسرائىلىيە قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە شېھىت قىلغان ۋە جەسىتىنى ئۈچ يىلدىن كېيىن تاپشۇرۇپ بەرگەن 16 ياشلىق پەلەستىنلىك ئۆسمۈر دەپنە قىلىندى.

1628008
ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرگەن ۋە جەسىتىنى 3 يىلدىن كېيىن تاپشۇرغان پەلەستىنلىك ئۆسمۈر دەپنە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەنىڭ رافاھ شەھىرىدە 2018-يىلى 29-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچ نامايىشلاردا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوققا تۇتۇپ شېھىت قىلغان  يۈسۈپ ئەبۇ جەزەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى رافاھ شەھىرىدىكى بىر جامىدە ئۆتكۈزۈلدى.

دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقۇچىلار پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈشۈپ، «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» ئىسرائىلىيەنىڭ سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

پەلەستىنلىك ئۆسمۈرنىڭ جىنازىسى مۇراسىمدىن كېيىن شەھەر قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىنلىك ئۆسمۈر يۈسۈپ ئەبۇ جەزەرنىڭ جەسىتىنى 3 يىلدىن بېرى ئالقىنىدا تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى بەيتى خانۇندىكى ئىسرائىلىيە تەكشۈرۈش پونكىتىدا، جەسەتنى ئاتا - ئانىسى ئەبۇ جەزەرگە ۋە مىزان كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ ئادۋوكاتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكەن ئىدى.

مىزان كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، غەززەنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىدا 2018-يىلى 30-مارتتا باشلانغان «بۈيۈك قايتىش يۈرىشى» نامايىشىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى 5 كىچىك بالىنىڭ جەسىتىنى قوشقاندا، جەمئىي 22 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى قايتۇرماي ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى.

مىزان كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى بۇ پەلەستىنلىكلەردىن ھازىرغىچە ئاران 3 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر