زىمبابۋېدا ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى
زىمبابۋېنىڭ پايتەختى خارارېدا بىر ھەربىي مەشىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈپ كېتىپ، بىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي تۆت ئادەم قازا قىلدى.
1627447
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت خارارېدىن قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان زىمبابۋې ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر مەشىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ، خارارېنىڭ ئاركتۇرۇس رايونىدىكى بىر ئۆيگە سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە، ئايروپىلان خادىمى، ئىككى تېخنىك ۋە بىر بالىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.