ياپونىيەدە  كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت  يەنە ئېلان قىلىنىدىغان بولدى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو بىلەن بەزى ئۆلكىلەردە ئەۋج ئېلىۋاتقان كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن قايتىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىدىغان بولدى.

1626922
ياپونىيەدە  كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت  يەنە ئېلان قىلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە كوۋىد -19 تەدبىرلىرىگە مەسئۇل كابىنېت ئەزاسى نىشىمۇرا ياسۇتوشى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تاجىسىمان ۋىرۇس ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

نىشىمۇرا ياسۇتوشى يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى ۋارىيانتلىرىنى كونتىروللۇق ئاستىغا ئالالىشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى ۋە خەلقنى ياپونىيەدە 29- ئاپرېلدىن 5 – مايغىچە  ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئوگون شۇكان» (ئالتۇن ھەپتە) دەم ئېلىش مەزگىلىنى ئۆيدىن سىرتقا چىقماي ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.  

نىشىمۇرا ياسۇتوشى 29-ئاپرېلدىن 5-مايغىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى شۇڭا خەلقنىڭ ئۆيىدىن سىرتقا چىقماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر سۇگا يوشىھىدېمۇ ھۆكۈمەتتىكى كوۋىد -19 مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ تەۋسىيە قارارىدىن كېيىن، ئىجرا قىلىنىدىغان تەدبىرلەرنى  ئېلان قىلىدىغان بولدى.

پايتەخت توكيو  بىلەن ئوساكا، خىيوگو ۋە كيوتودا 25 – ئاپرېل باشلىنىدىغان جىددىي ھالەت 11-مايغىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

جىددىي ھالەت ئىلگىرىمۇ ياپونىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، 2020-يىلى ئاپرېلدىن 2021-يىلى يانۋاغىچە بولغان جەرياندا ا ئىككى قېتىم يولغا قويۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر