خىتاي كوۋىد-19 يۇقۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندىستاننىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشماقتا
خىتاي ھىندىستاندا كوۋىد-19 يۇقۇمى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، سەھىيە سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىن تىببىي ياردەمدە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يېقىندىن بۇيان ھىندىستاننىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئۆرلەپ كېتىپ، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىدىن خىتاينىڭ خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «بىز ھىندىستانغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ياردەملەرنى بېرىشكە تەييارمىز. كوۋىد -19 يۇقۇمى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز-ئارا ياردەمگە موھتاج » دېدى.
ھىندىستاندا كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بىمارلارنىڭ سانى تۈپەيلىدىن دوختۇرخانىلارنىڭ سىغىمچانلىقى بۇ قېيىنچىلىقلارنى كۆتۈرۈشكە ئاجىز كەلمەكتە.
كوۋىد -19 يۇقۇمىنى داۋالاشتا ئوكسىگېن نەيچىسىگە ئوخشاش بىر قىسىم مۇھىم دورا ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ يېتىشمەسلىكى ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ھىندىستاندا كوۋىد -19 تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 187 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 332 مىڭ 518 كىشى يۇقۇملىنىپ، «دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى يۇقۇملىنىش نىسبىتى» دەپ رۇخەتكە ئېلىندى.