گوللاندىيە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەيىپىنى ئاشكارىلىدى
گوللاندىيە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ماتورىنىڭ كۈتۈلگەندىن تېز كونىراپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدىكى بارلىق F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە 3 دانە F-35 تىپلىق ئايروپىلان ماتورىنىڭ كۈتۈلگىنىدىن تېز كونىراپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ماتوردىكى تېز ئۇپراشنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇچۇش يولىدىكى سۈركىلىشتىن كېلىپ چىققان توپا-چاڭ بولىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، «F-35 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ماتورى F-16 غا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر، ئۇچۇش ۋە قونۇش جەريانىدا ئۇچۇش يولىدىكى سۈركىلىش تېخىمۇ كۆپ ئۇپرىشىغا سەۋەب بولماقتا» دېيىلدى.
ماتورنىڭ ئۇپرىشى سەۋەبىدىن گوللاندىيەدىكى بارلىق F-35 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ تەدبىر سۈپىتىدە تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.