بۈگۈن ئاق دېڭىزدىكى كۆچمەنلەر پاجىئەسىدە  100 قانۇنسىز كۆچمەن قازا قىلدى

ئاق دېڭىزدا قانۇنسىز كۆچمەن  ئولتۇرغان كاۋچۇك كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا 100 نەپەر كۆچمەن قازا قىلغان.

1626838
بۈگۈن ئاق دېڭىزدىكى كۆچمەنلەر پاجىئەسىدە  100 قانۇنسىز كۆچمەن قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۋە مەزكەزلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى (IOM) نىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئوتتۇرا ئاق دېڭىزىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە كەم دېگەندە 100 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىغا دائىر دوكلات بارلىقى  بىلدۈرۈلدى.

ئاق دېڭىزدىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان فىرانسىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى «SOS» نىڭ باياناتىدا،  «بۈگۈن بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقان ئىزدەش  قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىمىزدىن كېيىن، ئەڭ چوڭ قورقۇنچىمىز ئەمەلىيلەشتى. <ئوكيان ۋىكىڭ پاراخاتى> خادىملىرى تىرىپولىنىڭ شەرقىي شىمالىدا كاۋچۇك كېمىنىڭ قالدۇقلىرىغا شاھىت بولدى. چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بۇ كېمىنىڭ 130 كىشىنى ئېلىپ ماڭغانلىقى، ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى» دېيىلدى

فىرانسىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى «SOS» ئوكيان ۋىكىڭ پاراخاتىنىنىڭ ئاق دېڭىزدىكى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئاز دېگەندە 10 جەسەت تاپقانلىقىنى، ھايات قالغانلارىن ھېچ كىشىنى كۆرمىگەنلىكىنى ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر