زېلېنىسكى ب د ت باش كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1626206
زېلېنىسكى ب د ت باش كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالى ۋە رۇسىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

زېلېنىسكى، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقى ئۈچۈن  گۇتېرېشقا مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ھەمدە قىرىم ۋە دونباستىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ھەيئىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، تەرەپلەر، «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىسىنىڭ ئادىل تەقسىم قىلىنىشى ۋە ئاۋغۇست ئېيىدا چاقىرىلىدىغان «قىرىم مۇنبىرى» يىغىنى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر