رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى «كېرچ بوغۇزى» دا مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى «كېرچ بوغۇزى» ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

1626249
رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى «كېرچ بوغۇزى» دا مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جەنۇبىي ھەربىي رايون قىسىملىرى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىرنىڭ، قىرىمدا «كېرچ بوغۇزى» نىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن رايونغا جايلاشقان ئوپۇك پولىگونۇندا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق نىشان باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقى، رۇس دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت پاراخوتلارنىڭ دېڭىزغا يۈرۈش قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ھەربىي مانېۋىردىكى قىسىملارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاساسلىق قىسىملار، ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى، ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى، ئۇرۇش پاراخوتلىرى، قارادېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بەزى ساھىل قىسىملىرى، ھازار دېڭىزى ئارمىيەسىنىڭ بەزى قىسىملىرى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرى قاتناشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر