رۇسىيە چېخىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، چېخىيەنىڭ، موسكۋانىڭ «20 چېخىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى ئۆزگەرتىش» تەلىپىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1626443
رۇسىيە چېخىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زاخاروۋا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز پراگاغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدىكى دىيالوگ ئۈچۈن ئۇلتىماتوم بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. رۇسىيەگە بۇنداق ئۇسلۇبنى قوللىنىشنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، چېخىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياقۇپ كلۇلخانېك رۇسىيەگە مۆھلەت بېرىپ: «22- ئاپرېل چۈشكىچە 20 چېخ دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر