ناتو باشلىقلار يىغىنى بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدۇ
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ 14 – ئىيۇن كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 14 – ئىيۇن كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو قارارگاھىدا چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ، «ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئومۇرتقىسى ھېسابلىنىدىغان ناتو» نى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
باش كاتىپ ستولتېنبېرگ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ، يىغىندا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى، تېررورىزم تەھدىتى، تور ھۇجۇملىرى، بارغانسېرى سەرخىللىشىۋاتقان ۋە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تېخنولوگىيەلەر، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ بىخەتەرلىككە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ۋە خىتاينىڭ يۈكسىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنلىرىنىڭ ئاخىرقىسى، 2018 – يىلى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇدا 28 قېتىم باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، ناتو باشلىقلار يىغىنلىرى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن بىرىدە باش كاتىپنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلماقتا ئىكەن.