مىسىر سوتى ئونلارچە ئىخۋان ئەزاسىنى قويۇپ بېرىشنى قارارلاشتۇردى

مىسىر سوتى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە ئونلارچە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى جامائىتى (ئىخۋان) ئەزاسى تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشنى قارارلاشتۇردى.

1626464
مىسىر سوتى ئونلارچە ئىخۋان ئەزاسىنى قويۇپ بېرىشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىشەنچىلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى جامائىتى ئەزاسى تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلمىگەن بولۇپ، قايتىدىن باشقا دېلولار سەۋەبلىك تۇتقۇنلۇق ھالىتىنىڭ داۋامى تەرىقىسىدە ئىككىنچى بىر قارارنىڭ چىقىرىلىشى، ياكى قويۇپ بېرىلىشى پات يېقىندا ئېنىق بولىدىكەن.

بۇ ھەقتە مىسىر رەسمىي ئورگانلىرى تەرىپىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

سەيشەنبە كۈنى، مىسىر ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن، پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشى بىلەن 1686 مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى، دۆلەتتىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، 2013 – يىلى، دېكابىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى «چەكلەنگەن ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر