زېلېنىسكىي پۇتىن بىلەن دونباستا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكي، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن دونباستا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1625325
زېلېنىسكىي پۇتىن بىلەن دونباستا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي فېيسبۇكتا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا خىتاب قىلدى.

ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئورتاق ئۆتمۈشكە ئىگە بولسىمۇ، كەلگۈسىگە پەرقلىق كۆزنەكلەردىن قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي، بۇ ئەھۋالنىڭ ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇشىنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى، ھەتتا كېچىكىپ قالمىغان تەقدىردە، بىر پۇرسەت بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

دونباس كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يىغىنى جەريانىدا ۋەزىيەتنى نەق مەيداندا كۆرۈپ چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن زېلېنىكىي: «پۇتىن ئەپەندى، مەن ئۇ يەرگە ھەر ئاي بارىمەن. يەنە بېرىشقا تەييارمەن ۋە سىزگە ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ دونباس رايونىدىكى ھەرقانداق بىر يەردە كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر