ئىسرائىلىيەدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاۋۇتىدا پارتىلاش يۈز بەردى

ئىسرائىلىيەدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاۋۇتىدىكى سىناق جەريانىدا پارتىلاش يۈز بەردى، لېكىن ھازىرغىچە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

1625821
ئىسرائىلىيەدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاۋۇتىدا پارتىلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «خارېتز» گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى راملا شەھىرىگە يېقىن تومېر باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاۋۇتىدا پارتىلاش يۈز بەرگەن.

بۇ پارتىلاشنىڭ «تەرتىپلىك سىناق» جەريانىدا يۈز بەرگەنلىكى ۋە ھازىرغىچە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاۋۇتى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا بولسا، پارتىلاشنىڭ ئالاھىدە ئەھۋال ئەمەسلىكى ۋە كونتروللۇق سىناق ئىكەنلىكى  ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ پارتىلاش توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تومېر شىركىتى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر