ماككېنزى: ئافغانىستانغا ئىشغال قىلىش مەقسىتىدە قايتا كىرمەيمىز

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قىسىملار قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك كېننىت ماككېنزى، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنگەندىن كېيىن، بۇ دۆلەتتىكى تېررورلۇق تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1625452
ماككېنزى: ئافغانىستانغا ئىشغال قىلىش مەقسىتىدە قايتا كىرمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قىسىملار قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك كېننىت ماككېنزى، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنگەندىن كېيىن، بۇ دۆلەتتىكى تېررورلۇق تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ھەر قانداق شەكىلدە ئىشغال مەقسىتىدە ئافغانىستانغا كىرمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

گېنېرال – پولكوۋنىك ماككېنزى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قوراللىق قىسىملار كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستانغا قايتىدىن ئەسكەر ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «بۇنىڭدىن كېيىن ئەقىلگە ئۇيغۇن ھەر قانداق شارائىتتا ئىشغال قىلىش مەقسىتىدە ئافغانىستانغا كىرمەيمىز. قىلىدىغان ئىشىمىز بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلارنى بايقىيالىغان دائىرە بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا قارىتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىمىز. بۇنى ئاساندەك قىلىپ كۆرسىتىشنى خالىمەيمەن. ئاسان ئەمەس، ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ، لېكىن پۈتۈنلەي ئىمكانسىز ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ماككېنزى، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاساسلىقى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر