ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى

تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىگە جايلاشقان ساقچىخانىغا  قىلغان قوراللىق  ھۇجۇمىدا 8 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1624808
ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەدەخشان ۋىلايەتلىك كېڭەش ئىشلىرى ۋەكىلى ئابدۇللاھ ناجى نەزەرىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان ئەزالىرى بەدەخشان ۋىلايىتىنىڭ زىباك ناھىيەسىگە قاراشلىق رىگ رايونىغا جايلاشقان ساقچىخانىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 8 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىككى ساقچى يارىلانغان، ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا تالىبان ئەزالىرى ئېغىر تالاپتكە ئۇچرىغان.

تالىبان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.

تۈنۈگۈنمۇ تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى باغلان ۋىلايىتىگە جايلاشقان شېكەر زاۋۇتىغا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 2 ئامانلىق ساقلىغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر