ئەردوغان بورىسوۋنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇلغارىيە ياۋروپالىق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى رەھبىرى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن سابىق باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1624493
ئەردوغان بورىسوۋنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بويكو بورىسوۋنى بۇلغارىيەدىكى سايلامدا «بۇلغارىيە ياۋروپالىق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى»نىڭ ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

بۇلغارىيەنىڭ بورىسوۋنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش مۇساپىسىنىڭمۇ ئەڭ ياخشى شەكىلدە تاماملىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلغارىيەدە 4- ئاپرېل پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر