سۇدان 1958-يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىش قانۇنىنى بىكار قىلدى

سۇدان مۇستەققىلىق كېڭىشى ۋە مىنىستىرلار كابىنېتى ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش قەدەملىرى دائىرىسىدە، 1958-يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىش قانۇنىنى بىكار قىلدى.

1624700
سۇدان 1958-يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىش قانۇنىنى بىكار قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ئەدلىيە مىنىستىرى ناسرەددىن ئابدۇلبارى تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىز يېقىندا مۇستەقىللىق كېڭىشى ۋە مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىش قانۇنىنى بىكار قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدۇق» دېدى.

«ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىش قانۇنى» سۇدانلىقلارنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ھەر قانداق بىر ئىسرائىلىيە پۇقراسى، ئورگان ياكى چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىنى مەنئىي قىلاتتى.

بۇ قانۇن بىلەن ئىسرائىلىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ سۇدانغا كىرىشى ۋە سۇداندىن ئۆتۈشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايتتى.

قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا 10 يىللىققىچە قاماق جازاسى ۋە جەرىمانە قويۇلاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر