رۇسىيە قارادېڭىزدا مانېۋىرنى داۋاملاشتۇرماقتا

رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى قارادېڭىزدىكى مانېۋىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1624930
رۇسىيە قارادېڭىزدا مانېۋىرنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ قارادېڭىز فلوتى قىش پەسىللىك تەلىم-تەربىيە ۋە تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، 20 دىن ئارتۇق ھەربىي پاراخوتنىڭ قارا دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مانېۋىرغا، «Su-25CM3» تىپلىق ئايروپىلانلار بىلەن ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلغانلىقى، جەنۇبىي ھەربىي رايونىدىكى 50 دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قانۇنسىز بېسىۋېلىنغان قىرىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ 6-ئاپرېل رۇسىيە ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى باشلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئوخشىمىغان رايونلاردا تاكتىكىلىق مانېۋىرلارنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەلىم-تەربىيە پىلانى دائىرىسىدە، ئاپرېلدا 4 مىڭ 48 ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر