دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 25 – 59 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس دۇنيا مىقياسىدا 25-59 ئارىلىقىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە دوختۇرخانىدا يېتىش نىسبىتىنىڭ ئەندىشىلىك شەكىلدە كۆپىيىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1624625
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 25 – 59 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېبرېيۇس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى مەركىزىدە ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ھەپتە <كوۋىد – 19> ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئارقىمۇئارقا 8 – ھەپتىدە كۆپىيىپ كەتتى ۋە 5.2 مىليوندىن كۆپ كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ھازىرغىچە بىر ھەپتە ئىچىدە كۆرۈلگەن ئەڭ كۆپ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئىدى.»

دۇنيا مىقياسىدا «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭمۇ ئارقىمۇئارقا 5 – ھەپتىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان گېبرېيۇس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 25 – 59 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا  كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە دوختۇرخانىدا يېتىش نىسبىتىنىڭ ئەندىشىلىك شەكىلدە كۆپىيىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى، ھەمدە بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ يېڭى ۋارىيانتلار ۋە ياش قۇرامىغا يەتكەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى «ئىجتىمائىي ئالاقە» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان گېبرېيۇس، دۇنيا مىقياسىدا ھازىرغىچە 832 مىليون قۇتا «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسىنىڭ ئەملەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «لېكىن ۋاكسىنىلارنىڭ % 82 تىن كۆپرەكى يۇقىرى ياكى يۇقىرى – ئوتتۇرا ھال كىرىملىك ​​دۆلەتلەرگە كەتكەن بولسا، تۆۋەن كىرىملىك ​​دۆلەتلەر پەقەت% 0.2 ۋاكسىنىغىلا ئېرىشەلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر