ئافغانىستان پارلامېنتى ئىستانبۇل كونفېرانسىنىڭ تارىخىي پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئافغانىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مىر راخمان راخمانى 24-ئاپرېلدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان تىنچلىق كونفېرانسىنىڭ تارىخىي پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1624233
ئافغانىستان پارلامېنتى ئىستانبۇل كونفېرانسىنىڭ تارىخىي پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مىر راخمان راخمانى پارلامېنتتا، ئىستانبۇل كونفېرانسىنىڭ دۆلەتتە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئافغانىستان مەسىلىسىگە تىنچلىقنى ياقىلايدىغان ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇرەسسە بولۇشىنىڭ، شۇنداقلا مىللىي مۇرەسسە ئالىي كېڭىشىنىڭ ئىستانبۇل تىنچلىق كونفېرانسىغا تەييارلىق قىلىشىنىڭ، تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۈمىدنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تالىباننىڭمۇ مەزكۇر كونفېرانسنى قەتئىي قاچۇرۇپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كونفېرانستا ھازىرقى ھۆكۈمەت سىستېمىسى، ئاساسىي قانۇن، قولغا كەلتۈرگەن مەنىۋىيەت ۋە ئەركىنلىكلەرنى قوغداشنىڭ بارلىق تەرەپلەر ئۈچۈن مۇھىملىققا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تالىباننىڭ ئىستانبۇل كونفېرانسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ب د ت ۋە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەردىن مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىستانبۇل تۈركىيە، قاتار ۋە ب د ت نىڭ بىرلىكتە رىياسەتچىلىكىدە 24-ئاپرېلدىن 4-مايغىچە ئافغانىستاندىكى تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئېچىلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك بىر كونفېرانسقا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر