«دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇز تاغ» دەپ ئاتالغان <A68> پارچىلىنىپ غايىب بولدى

ئامېرىكا دۆلەتلىك مۇز تەتقىقات مەركىزى 2017-يىلى ئانتاركتىكادىن ئايرىلغاندا كۆلىمى تەخمىنەن 6000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان مۇز تېغىنىڭ ئېرىپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1623961
«دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇز تاغ» دەپ ئاتالغان <A68> پارچىلىنىپ غايىب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركەز ئېلان قىلغان باياناتتا، <A68> نىڭ پارچىلىنىپ ئېرىپ كەتكەنلىكى ۋە ئەمدىلىكتە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆزەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

<A68> شىمالىي قۇتۇپ يېرىم ئارىلىنىڭ چېتىدىكى لارسون C مۇزلۇق رايونىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بىر يىلغىچە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىپ باقمىغان ئىدى. لېكىن كېيىنچە كۈچلۈك ئېقىن ۋە شامال سەۋەبىدىن شىمالغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى، ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە بىر ترانسپورت ئايروپىلانىدىن تارتقان سۈرەتلەردە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇز تېغى <A68> نىڭ يېقىنقى 3 يىلدا 1800 كۋادرات كىلومېتىر ئېرىگەنلىكى كۆرۈلگەن ئىدى.

يەنە بىر ترانسىپورت ئايروپىلانى مۇز تاغنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۈنسېرى قالايمىقانلىشىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىش ئۈچۈن رايوندا تۆۋەن ئۇچقان ۋە مۇز تېغىدا نۇرغۇن يېرىقلار  بىلەن سۇ ئاستىغا تۇتىشىدىغان تونېللەرنڭ شەكىللەنگەنلىكىنى رەسىمگە تارتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر