ئىران بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدا  ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

ئىران بىلەن سېربىيە ئورتاق مەنپەئەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىغا ئۆز-ئارا ئەمەل قىلىش توغرىسىدا چۈشىنىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

1623452
ئىران بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدا  ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پايتەخت تېھراندا رەسمىي زىيارەتتە بولغان سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولا سېلاكوۋىچ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشكەن.

ئىككى مىنىستىر ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، سودا ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىغا ئۆز-ئارا ئەمەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چۈشىنىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر