ئامېرىكادا مۇشۇ ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا 70 تىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكادا ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن كوللىكتىپ قوراللىق ھۇجۇملاردا 70 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى.

1623455
ئامېرىكادا مۇشۇ ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا 70 تىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇملارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى كۈزىتىپ، مەلۇمات توپلايدىغان «قوراللىق زوراۋانلىق ئارخىپى» (GVA) ناملىق تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدىمۇ، ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇملار تۆۋەنلىمىگەن.

ئامېرىكىدا يىل بېشىدىن بۇيان 150 كە يېقىن كوللىكتىپ قوراللىق ھۇجۇم (يەنى، ھۇجۇم قىلغۇچىدىن سىرت كەم دېگەندە 4 كىشىگە ئوق تەككەن قوراللىق ھۇجۇم) دوكلات قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىدا مۇشۇ بىر ئايلىق مەزگىلدە 45 قېتىم كوللىكتىپ قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكى رۇيخەتكە ئېلىنغان. بۇ ھۇجۇملاردا ئازدېگەندىمۇ 72 كىشى قازا قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن قورال سېتىۋېلىشقا  چەكلىمە قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بەلگىلىمىنىڭ پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى  ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلغان بولۇپ، شۇنداقتىمۇ پالاتادا بۇ ھەقتە قانۇنىي بەلگىلىمە چىقىرىشنىڭ تەس ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكادا 2019-يىلى 417 قېتىم كوللىكتىپ قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن بولۇپ ۋە بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە 600 دىن ئارتۇق ھۇجۇم رۇيخەتكە ئېلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر