ئافغانىستاندا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %43.5 ىگە تالىبانلار جاۋابكار
ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارھار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارھار ۋالىيسى زىيائۇلھەق ئامارخىل ئېلان قىلغان باياناتىدا، كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ۋىلايەتكە قاراشلىق ساراچې ئەلى خان رايونىدىكى بىر ئۆيگە قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيائۇلھەق ئامارخىل ھۇجۇمدا ئۆيدىكى 8 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ قايسى تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ياردەم گۇرۇپپىسى (UNAMA) 14-ئاپرىلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئافغانىستاندا 2021-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە 573 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
باياناتتا، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %29 ئاشقانلىقى، بۇ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %43.5 ىگە تالىباننىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى، %17 ىگە ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى، تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بولسا، %5 ىگە جاۋابكار ئىكەنلىكى ۋە قالغان قىسمىغا دۆلەتنى قوللايدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
ئافغانىستاندا زوراۋانلىقنىڭ ئاخىرىلىشىشى ئۈچۈن تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا.