ياپونىيە يېقىنقى 30 يىلنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا

ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرى، دۆلەتنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى شەرقىي خىتاي دېڭىزىغا قىرغاقداش كيۇشۇ رايونىدا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

1623064
ياپونىيە يېقىنقى 30 يىلنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېدىيا ئورگىنى —  NHK نىڭ ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرى مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئارمىيەسى، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشىدىن كېيىن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىشنى باشلىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرى سېنتەبىر ئېيى بىلەن نويابىر ئېيى ئارىلىقىدا دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى كيۇشۇ رايونىدا تەخمىنەن 140،000 ھەربىي خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن.

شىمالغا جايلاشقان خوككايدو بىلەن توخوكۇ ۋە شىكوكۇ رايونلىرىدىكى ھەربىي قىسىملار كيۇشۇغا يۆتكىلىدىغان يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىردا دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

كيودو ئاگېنتلىقى، بۇ خىل بىر مانېۋىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1993- يىلى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر