يەمەندە ۋابانىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئىككى ھەسسە ئاشقان

ب د ت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانىي كىرىزىس يۈز بېرىۋاتقان ۋە ئاچارچىلىق ئەۋج ئېلىۋاتقان يەمەندە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ يېڭى دولقۇنى سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئىككى ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1622578
يەمەندە ۋابانىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئىككى ھەسسە ئاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مارك لوۋكوك (Mark Lowcock) خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يەمەندىكى ئىنسانىي كىرىزىس توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردە يەمەندە تېز تارقىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانىي كىرىزىس يۈز بېرىۋاتقان يەمەندە، يېقىنقى ئالتە ھەپتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى دولقۇنى سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرىنىڭ ئىككى ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ يەمەندىكى دوختۇرخانىلارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى قايتۇرۇۋېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئاچارچىلىق يۈز بېرىۋاتقان دۆلەتتە ۋىرۇسنىڭ داۋاملىق ئىنتايىن تېز  سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەمەندە بالايى-ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى كۆپەيتىشنى چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر