ئامېرىكادا ساقچى زوراۋانلىقى قايتا كۈنتەرتىپكە كەلدى

ئامېرىكانىڭ چىكاگو شەھىرىدە ساقچىلاردىن قېچىۋاتقاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادام تولېدا (Adam Toleda ) نىڭ ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرى ئامېرىكادا ساقچى زوراۋانلىقىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

1622453
ئامېرىكادا ساقچى زوراۋانلىقى قايتا كۈنتەرتىپكە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىكاگو شەھەر باشلىقى لورى لايتفۇت (Lightfoot) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 29-مارت (2021) يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ۋىدېئو كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتتى.

ۋىدېئودا، ساقچى قاراڭغۇ بىر كوچىدا «توختا» دېگىنىچە قېچىۋاتقان بىر بالىنى قوغلايدۇ، بالا توختىغاندىن كېيىن «قولۇڭنى كۆتۈر، ئۇنى يەرگە تاشلا، يەرگە تاشلا» دەپ ۋارقىرايدۇ. بالا قولىنى كۆتۈرگىنىدە قورال ئاۋازى بىلەن يەردە ياتقانلىقى كۆرۈنىدۇ.

ۋەقەنىڭ چىكاگونىڭ لىتتل ۋىلىج (Little Village) مەھەللىسىدە يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بالىنىڭ 13 ياشلىق ئادام تولېدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تەپتىش ئىدارىسى قورال ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن ساقچىنىڭ نەق مەيدانغا بارغانلىقى، تولېدانىڭ قولىدا قورال بارلىقى ۋە قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تولېدا ئائىلىسىنىڭ ئادۋوكاتى ئادېنا ۋېيىس ئورتىز (Adeena Weiss Ortiz) ۋىدېئودا، ئادام تولېدانىڭ «توختا، قولۇڭنى كۆتۈر» دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇۋاتقاندا كۆكسىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تولېدانى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ساقچىنىڭ 34 ياشلىق ئېرىك ئى. ستىلمەن (Eric E. Stillman) ئىكەنلىكى ۋە ۋەقەدىن كېيىن 30 كۈن رۇخسەت ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تولېدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋىدېئو كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، تاراتقۇلاردا زور نارازىلىق قوزغىدى. چىكاگو شەھەر باشلىقى لايتفۇت ۋەقە سەۋەبىدىن پۇقرالارغا «خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق» چاقىرقى قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر