قەندىھاردا پارتلاش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەندىھار ۋىلايىتىدە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بىر بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە تۆت كىشى قازا قىلدى.

1622498
قەندىھاردا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى جەمال ناسىر بارىكزەي، قەندىھارنىڭ شاھۋەلى كوت ناھىيەسىدە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ تالىبان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر