نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشلار نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
نىگېرىيەنىڭ گومبې ئۆلكىسىسىدە ئىككى ئېتنىك گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار 19 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
1622581
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ بالانگا رايونىدا لۇنگۇدا ۋە ۋاجا ئېتنىك گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 4 كىشى قازا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 19 غا يەتكەن. توقۇنۇشلار ئەسناسىدا كۆپ ساندا ئۆي – ماكانغا ئوت قويۇۋېتىلگەن، يۈزلەرچە كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.
ئۆلكىدە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، گومبې ئۆلكىسىدە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا، تەبىئىي بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولالماسلىق سەۋەبىدىن، پات – پات شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.