كىشىلەر ئۈچىنچى قېتىم ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك بولۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر (Pfizer) شىركەتنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن ئەملەنگەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ كېيىن بولغاندا 12 ئاي ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىملىق ئەملىتىشكە ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1622487
كىشىلەر ئۈچىنچى قېتىم ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فايزېر شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئالبېرت بورلا (Albert Bourla): «ئېھتىماللىققا قارىغاندا، ئالتە ئاي بىلەن 12 ئاي ئوتتۇرىسىدا ئۈچىنچى قېتىملىق ئەملەشكە ئېھتىياج چۈشىدۇ ۋە كىشىلەر ھەر يىلى يېڭىدىن ئەملىنىشى كېرەك.  ۋىرۇسنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى بۇ قارارنى قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېدى.

فايزېرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئەملەنگەن كىشىگە ئاساسلىنىدىغانلىقى، ئەمما ۋىرۇستىن قوغداشنىڭ ئالتە ئايدىن كېيىن داۋاملىشىپ-داۋاملاشمىغانلىقىنى بەلگىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

فايزېر ۋە بىيونتېك (BioNTech) فېۋرال ئېيىدا ۋىرۇسنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرىغا قارشى ئىممۇنىتىت كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىش ئۈچۈن ۋاكسىنانىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئەملىنىشىنى سىناق قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

جونسون ۋە جونسون (Johnson & Johnson) شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر باشقۇرغۇچىسى ئالېكس گورسكي (Alex Gorsky) خۇددىي پەسىللىك زۇكام ۋاكسىنالىرىغا ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ ھەر يىلى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى ئەملىتىشىنىڭ شەرت بولۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر