دانىيە ئاسترازېنېكا ۋاكسىنالىرىنى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ئەۋەتىدۇ

ئاسترازېنېكا (Astrazeneca) ۋاكسىنالىرىنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەملەشنى توختاتقان دانىيە، ئېشىپ قالغان ۋاكسىنالارنى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ئەۋەتشىنى پىلانلىماقتا.

1622558
دانىيە ئاسترازېنېكا ۋاكسىنالىرىنى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ھانس كلۇگ (Hans Kluge) ۋاكسىنالارنىڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاكسىنالارنى تارقىتىش ئۈچۈن تەييار ۋە تارقىتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ» دېدى.

دانىيەدە ۋاكسىنا ئەملەنگەن بەزى كىشىلەردە قان ئۇيۇشۇش، قاناش قاتارلىق ئەكس تەسىر ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ئاسترازېنېكا ۋاكسىنالىرىنى ئەملەش 19 دۆلەتتە توختىتىلغان بولۇپ، ئەملەنگەن كىشىلەردە قان ئۇيۇشۇش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر