بايدىن: پۇتىنغا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1622443
بايدىن: پۇتىنغا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن، رۇسىيەگە قارىتا ئېلان قىلىنغان يېڭى ئېمبارگولار ھەققىدە ئاقسارايتا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن، 13 – ئاپرېل كۈنى «سەمىمىي ۋە ھۆرمەت» مۇھىتى ئاستىدا تېلېفوندا كۆرۈشگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «پۇتىننىڭ ۋە مېنىڭ، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيىتىمىز ئىنتايىن ئېغىر، مەن بۇ مەسئۇلىيەتكە جىددىي قارايمەن، پۇتىنمۇ شۇنداق قارايدۇ، دەپ ئويمايمەن» دېدى.

سايلام باسقۇچىدا، رۇسىيەنىڭ سايلاملارغا قارىتا مۇداخىلىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ ئەسكەرتىلگەنلىكىنى قەيت قىلغان بايدىن، «بىر چەت ئەل كۈچىنىڭ، دۆلەت ئىچىدىكى دىپلوماتىك باسقۇچقا مۇداخىلە قىلىپ، جىنايەتسىز قېلىشىغا يول قويالمايمىز» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەسمىي ئورگانلىرىغا قىلىنغان ۋە پەردە ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن « Solarwinds » ناملىق تور ھۇجۇملىرى توغرىلىقمۇ توختالغان بايدىن، پۇتىن بىلەن يانۋار  ئېيىدا ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، بۇ ھۇجۇملارغا ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەپتىكى تېلېفون سۆھبىتىمىزدە، پۇتىنغا، بۇ ھۇجۇملارغا تەڭپۇڭلۇق نىسبىتىدە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىمىزنى، چۈنكى رۇسلارنىڭ سايلاملارغا مۇداخىلە قىلغانلىقلىرى ۋە  < Solarwinds > ناملىق تور ھۇجۇملىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا رۇسلارنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىمىزنى ئېيتتىم.»

رۇسىيەگە قارىتا يېڭى ئېمبارگولار توغرىلىقمۇ توختالغان بايدىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تېلېفون سۆھبىتىمىزدە، پۇتىنغا، ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ  ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى، ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا كۈچ تەڭپۇڭلۇقى نىسبىتىدە ھەرىكەت قىلىش يولىنى تاللىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە بىلەن بولغان سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش ۋە توقۇنۇشلارنى تەكرار باشلىتىشنىڭ كويىدا ئەمەس. بىز مۇقىم ۋەئالدىن پەرەز قىلىشقا بولىدىغان مۇناسىۋەتنى خالايمىز. ئەمما رۇسىيە دېموكراتىيەمىزگە مۇداخىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قەدەم تاشلاشقىمۇ تەييارمەن.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلاللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بايدىن، مۇنداق دېدى: «پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىمىزدە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسى ۋە ئىشغال ئاستىدىكى قىرىمغا قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئەندىشىلىك ئىكەنلىكىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكرارلىدىم، پۇتىننى، ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇش ۋە سۈركىلىشنى ئازايتىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردۇم.»

كېلىشمەسلىكلەرنىڭ دىيالوگ ۋە دىپلوماتىك باسقۇچ يوللىرى ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتقان بايدىن، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ باسقۇچنى ئىجابىي شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار، ئەگەر رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى دەپسەندە قىلسا، بىزمۇ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر