بلىنكېن: ئافغانىستاندىن چەت ئەل كۈچلىرى چېكىنسە تەكرار ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرمەيدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن چەت ئەل كۈچلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەن ھامان تەكرار ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1622467
بلىنكېن: ئافغانىستاندىن چەت ئەل كۈچلىرى چېكىنسە تەكرار ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئافغانىستاندا ئېلان قىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ھەممە تەرەپنىڭ تىنچلىقنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت كۈچلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن بلىنكېن، تالىباننىڭ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي باسقۇچلارنى تەرك ئېتىشىنىڭ ئەسلا توغرا ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان يول ئەمەسلىكىنى بىلىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ ئافغانىستانغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەل كۈچلىرى دۆلەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، 1990 – يىللاردىكىگە ئوخشاش ئىچكى ئۇرۇشنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە ھېچكىمنىڭ ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر تالىبان بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىزگە تەكرار ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنسا، بىزنىڭ تالىبانغا قايتۇرىدىغان جاۋابىمىز  ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر