بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 81 مىڭ 916 قېتىم ۋارىل بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلغان

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يېقىنقى توققۇز يىلدا دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى تۇرالغۇلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، 81 مىڭ 916 قېتىم ۋارىل بومبىسى ئاتقان.

1622513
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 81 مىڭ 916 قېتىم ۋارىل بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلمىشلارنى ھۆججەتلەشتۈرگەن سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى(SNHR)، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2021-يىلى ئىيۇلدىن 2021-يىلى ئاپرېلغىچە قىلغان ۋارىل بومبىسى ھۇجۇملىرىنىڭ دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد كۈچلىرى بۇ مەزگىلدە ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى پۇقرالار تۇرالغۇلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 81 مىڭ 916 قېتىم ۋارىل بومبىسى ئاتقان ۋە بۇ ھۇجۇملاردا 1821 كىچىك بالا، 1780 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 مىڭ 87 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

2012-يىلىدىن تارتىپ تىك ئۇچارلاردىن ئېتىلغان ۋارىل بومبىلىرى بىلەن زەھەرلىك گازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 93 خىمىيەلىك ھۇجۇم قىلىنغان.

دوكلاتتا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋارىل بومبىلىرىدىن پۇقرالارنى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن پايدىلانغانلىقى ۋە ھەر خىل ھۇجۇملار سەۋەبىدىن مىليونلارچە كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر