بىرمادىكى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 726 گە يەتتى

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ۋە سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارغا قوراللىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلار سانى 726 گە يەتتى.

1622418
بىرمادىكى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 726 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 12 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي –  سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى باشلانغان نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 726 گە يەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن باشقا 3151 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

دوكلاتتا، سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان 813 ئادەم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ 36 نەپىرىنىڭ نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بىرمالىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان دۆلەت پارلامېنتى ۋاكالەت كومىتېتىنىڭ، تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان پۇقرالار ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى كابىنېتىنى بۈگۈن ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ھازىرقى بىرما» خەۋەرلەر تورىغا بايانات بەرگەن دۆلەت پارلامېنتى ۋاكالەت كومىتېتى ئەزاسى، 31  - مارت ئېلان قىلىنغان فېدېراتىپ دېموكراتىيە كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئىچكى كابىنېتىنى بېكىتىپ چىققانلىقىنى ۋە كابىنېتنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلانغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر