ئەنگلىيە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك راب ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تەرتىپلىك شەكىلدە چېكىنىپ چىقىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1621722
ئەنگلىيە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رائاب تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ،  ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ تىنچ كەلگۈسىگە ئىگە مۇقىم ئافغانىستان قۇرۇپ چىقىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رائاب، ئافغانىستاندىكى ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تەرتىپلىك ھالدا چېكىنىپ چىقىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېن ۋاللېس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ تىنچ ۋە مۇقىم كەلگۈسىگە لايىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋاللېس: «چېكىنگەندىمۇ ئافغانىستاندا خىزمەت قىلىۋاتقان خەلقىمنىڭ بىخەتەرلىكى يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندىكى مۇھىم ئىشىمىز بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقى مەسىلىسىدىكى مەيدانىمىز ئېنىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىر پىرېزىدېنتى جو بايدىن 1- ماي ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياننىڭ 2021- يىلى 11- سېنتەبىردىن بۇرۇن تاماملىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ناتونىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 1- مايدىن باشلاپ ئافغانىستاندىن چېكىنىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر