تالىبان بىر ھەربىي رايونغا ھۇجۇم قىلدى
تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننىڭ زابۇل ۋىلايىتىدىكى بىر ھەربىي رايونغا قىلغان ھۇجۇمىدا 10 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1621981
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زابۇل ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد ۋەيس سەمىم، تالىبانلارنىڭ زابۇلنىڭ خولان رىبات رايونىدىكى ھەربىي رايونغا قوراللىق ۋە بومبىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.