بايدىن  مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1621800
بايدىن  مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكى، ترانسئاتلانتىك مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە ئەھدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش، يەر شارى خاراكتېرلىك ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش  قاتارلىق ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى رەھبەر، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسى ۋە ئىشغال ئاستىدىكى قىرىمغا قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئەندىلىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم بايان قىلدى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، ئافغانىستاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ياردەم بېرىش قىسمىغا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلگە رەھمەت ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا،  ئىككى رەھبەرنىڭ، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى قوللاش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر