باغدادتا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى
ئىراق پايتەختى باغدادتا بىر ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 12 كىشى يارىلاندى.
1622070
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خەۋپسىزلىك مېديا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، باغدادنىڭ سادر رايونىغا تەۋە ھابىبىيە مەھەللىسىدە بىر ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلىغان.
باياناتتا، دەسلەپكى مەلۇماتلاردا بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.