بىرما ئارمىيەسى بىر جامەدە بۇلاڭچىلىق قىلدى

بىرما ئارمىيەسى ماندالاي شەھىرىدە ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى چىققان ئىككى نامايىشچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ۋە رايوندىكى بىر جامەدە يىغىلغان ئىئانە پۇللىرىنى مۇسادىرە قىلدى.

1621772
بىرما ئارمىيەسى بىر جامەدە بۇلاڭچىلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما «Now» تورىنىڭ بىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، بىرما ئارمىيەسى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 14-ئاپرېل) ماندالاي شەھىرىگە قاراشلىق ميىتنگې (Myitnge) ناھىيەسىدە ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش قىلغان بىر گۇرۇپپا دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا ئۇرۇنغان. نامايىشچىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئەسكەرلەر ئاممىنى ئوققا تۇتقان ۋە نەتىجىدە ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

ئەسكەرلەر شۇ كۈنى ميىتنگېغا جايلاشقان بىر جامەگە بېسىپ كىرىپ، جامائەتتىن يىغىلغان ئىئانە پۇللار ساقلانغان ساندۇقنى بۇلىغان.

بىرمادا تۈنۈگۈن جېنىدىن ئايرىلغانلار بىلەن، ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچىلار سانى 716 گە چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر