رۇسىيە قارادېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى

رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى رايونغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇرۇش پاراخوتلىرى يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى قارادېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى.

1621245
رۇسىيە قارادېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر قايسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، مانېۋىرغا رۇسىيەنىڭ قىرىمدىكى قارادېڭىز فىلوسىنىڭ پاراخوتلىرى بىلەن تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئايروپىلان ئاتارلىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مانېۋىردا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش مەشقى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىككى ئۇرۇش پاراخوتىنى قارادېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن رايونغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكانىڭ مەزكۇر قەدىمى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلاشقا باشلىدىن كېيىن تاشلانغانىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى سېرگېر ريابكوۋ، ئامېرىكانىڭ قارادېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشىگە «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر