ئاۋىستىرىيە سەھىيە مىنىستىرى ئىستىپا بەردى

ئاۋىستىرىيە سەھىيە مىنىستىرى رۇدولف ئەنشوبېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1620382
ئاۋىستىرىيە سەھىيە مىنىستىرى ئىستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىدە يېشىللار پارتىيىسىدىن سەھىيە مىنىستىرى بولغان رۇدولف ئەنشوبېر كۆز يېشى قىلغان ھالدا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيانقى ساغلاملىق مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

60 ياشلىق ئەنشوبېر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ،  ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى، كوۋىد-19 يۇقۇمى جەريانىدا ساغلام بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

رۇدولف ئەنشوبېر دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بىر سەھىيە مىنىستىرىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر