ئامېرىكادا دۆلەت ئىچى تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە زور دەرىجىدە ئاشتى

ئامېرىكادا دۆلەت ئىچى تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە يېقىنقى 25 يىلدىن بۇيان زور دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلدى.

1620165
ئامېرىكادا دۆلەت ئىچى تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە زور دەرىجىدە ئاشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى (CSIS) تەرىپىدىن ھازىرلانغان سانلىق ئانالىزدا، دۆلەت ئىچى تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ئالدىنقى چارەك ئەسىردە چوڭ ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوڭچىللار ئارىسىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلىكىگە ئىشىنىدىغان، مۇسۇلمانلارغا ئۆچ، ھۆكۈمەتكە قارشى ۋە رادىكاللىقنى قوللايدىغان ئاشقۇنلار تەرىپىدىن تۇغدۇرۇلغان ۋەقەلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئانالىزدا دۆلەت ئىچى تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ 2020-يىلى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلدىن بۇيان ئوڭچىللار قىلغان 267 قېتىملىق ھۇجۇمدا 91 كىشى قازا قىلغان. ئەمما رادىكال سولچىلار تۇغدۇرغان 66 قېتىملىق ھۇجۇم ۋە سۇيىقەست ۋەقەلىرىدە 19 كىشى قازا قىلغان» دېيىلدى.

ئانالىزدا، يېقىنقى 6 يىلدا جامىلەر، يەھۇدى ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئافرىقالىقلارنىڭ چېركاۋلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە دىنىي ئورگان ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكى، بومبا ئېتىلغانلىقى ياكى ئوڭچىل گۇرۇپپىلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، سولچىل گۇرۇپپىلاردىكى ھەرىكەتلىنىشنىڭ بولسا، 2020-يىلى مايدا جورج فلويىدنىڭ ساقچىسى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئانالىزدا،  6-يانۋاردا ئوڭچىل گۇرۇپپىلارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىشىنىڭ بولسا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ دۆلەت ئىچى تېررورلۇق ۋە نەپرەتنى ئاساس قىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە تېخىمۇ بەك قىزىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇقنىڭ تارقىلىشىدىكى رولىغىمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارقان ئانالىزدا يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ھۇجملاردا كۆپىيىش بولغانلىقى تەكىتلىنىپ، 2015-يىلدىن بۇيان كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان 15 قېتىملىق ھۇجۇمدا 27 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە ئونلىغان كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر