ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تور بىخەتەرلىك ئەترىتى قۇرۇلماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىكى مۇدىرلىقىغا چىرىس ئىنگلىسنى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا بولسا جېن ئېستېلىرى نامزات كۆرسىتىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1620185
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تور بىخەتەرلىك ئەترىتى قۇرۇلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بەرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار 2020-يىلى 12-ئايدا رۇسىيە تەرىپىدىن ئامېرىكانىڭ نۇرغۇنلىغان فېدېراتسىيە ئورگانلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمى سەۋەبىدىن، بايدېننىڭ تور ھۇجۇملىرىغا قارشى مۇداپىئەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە بايدىننىڭ تور بىخەتەرلىك ئەترىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ قارىشىچە، بايدىن دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىكى مۇدىرلىقىغا چىرىس ئىنگلىسنى شۇنداقلا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا  جېن ئېستېرنى نامنزات كۆرسىتىدىكەن.

ئىلگىرى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن جېن ئېستېر ۋە چىرىس ئىنگلىس تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدىمۇ مۇتەخەسسىس كشىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر